تۆتقۇلاق
ماڭىمۇ بەرگىن ئاددىي ھاياتنىڭ جۇلالىق نۇرلىرىنى،
مەنمۇ توشقۇزاي بەختتىن ھاياتىمنىڭ قۇرلىرىنى.
كۈچىدىم، بەخت يولىدا قۇرلار ھەرگىز توشمىدى،
بۇ بەختنىڭ كەلگەن ئەلچىلىرى مىنى ئارىغا قوشمىدى.
يوللار بولسىمۇ جۇدۇنلۇق،بۇ بىر ئوغۇلغا ئورۇنلۇق،
دەپ خىرە كۆزلەر نەملەنگەندە سۈرتىۋالدى قارارىم.
ئاددىي ھاياتتا تەمتىرەپ،مەن مۇھەببەتتىن تەمتىلەپ.
مۇساپىر بوپ بەخت يولىدا ئاچچىق بولدى باھارىم.
مۇشتۇمچىلىك بىر يۈرەكنىڭ كۈچ-قۇدرىتى گىگانت،
شۇ يۈرەكلەر ئازادە بولسا يورار بارچە پىلانت.
پەقەت ئاغرىق دەپ سۇغۇرىۋەتكەن تۇرمۇش قايغۇ سانجىغاندا،
مەن مۇشۇنداق خوش بولاتتىم ئەقلى-ھوشۇمدىن ئالجىغاندا.
ئالجىپ كەتسەممۇ ئەقلىمدىن،ئۆزگەرمەيمەن ئۆز ئەسلىمدىن.
خۇشاللىقنى ئىزدەپ باقىمەن بالىلىقتىكى رەسىمدىن.
بىر ئادەملىك ھاياتىمنى سەندەك گۈزەل كۆرمىدىم،
مىنى سۆيمىگەن بۇ تۇرمۇشنى سەن سۆيگەندەك سۆيمىدىم.
ھەسەن-ھۈسەن ساقلاۋاتىمەن ئۆزۈم يالغۇز يامغۇردا،
يامغۇر دىدى مەنسىتمىگەندەك:ئۇنى كۆرۈشكە ئالدىرىما.
«بەرگىن»دىسەم«ئىزدە»دىدى بۇ رەھىمسىز بىركەم دۇنيا،
بىغەم دۇنيا،تۇغۇلۇشۇمغىلا مەندىن ئۈمۈدىنى ئۈزگەندەك.
مۈشكۈل ھاياتتا مەغرۇر تۇردۇم،
پەقەتلا غايەم بىلەن يالغۇز ئەمەسمەن.
ئاددىي ھاياتىمدا گۈزەل تۇرمۇشنى پۇرىدىم،
پەقەتلا سايەم بىلەن يالغۇز ئەمەسمەن.
كۈلكە،بىرلا جاۋاب كۈلسەم قايغۇ تۈگەيتى،
مەندەك بىر ئاددىي ئىنسان كۈلكىلەرگە ئۆگەيتى.
ئۆگەندىم بارا-بارا لېۋىمنى چىشلەشنى،
قەلبىمدىكى چىملىقلاردىن تۆتقۇلاقنى ئىزدەشنى.
ئالداپ قويىمەن ئۆزەمنى:تۆتقۇلاق تاپساڭ ئېچىلىپ كۈلەلەيسەن،
ھاياتنىڭ گۈزەل چېھرىنى-سېھرىنى بەخت كۆزىدىن كۆرەلەيسەن.
ئۈمۈدىم شۇ تۆتقۇلاق،
تاپقىنىم نۇرغۇن ئۈچقۇلاق.
باشقىلارغا بىجىرىمى،ماڭا ئۇچرىغان ھەممىسى چولاق.
تۆتقۇلاق سەن نەدە ؟
قانداق بولىدۇ ئەتە ؟
دىسەم،
سۈكۈتكە چۆكتى تىمتاس شەھەر،
كۆڭلۈم قالدى يەردە.
ئويلايمەن نىمىشقا باشقىلارنىڭ يولى شۇنداق راۋاندۇ؟
نىمىشقا مىنىڭ ئالدىمدىكى قىيا تاشلىق داۋاندۇ ؟
ئىشىنىمەن،بىركۈنلەردە داۋانلاردىن ئۆتەلەيمەن،
تۇرمۇشنىڭ ئاچچىق زەربىسىنى ئۆزۈم يالغۇز يۈدەلەيمەن.
ئون يەتتە يىل قارا خاتىرىنىڭ ئون يەتتە ۋارىقى،
تۆتقۇلاقنى ئىزدىگەن شۇ ئاددىي ھاياتنىڭ تارىخى.
مۈشكۈل ھاياتتا مەغرۇر تۇردۇم،
پەقەتلا غايەم بىلەن يالغۇز ئەمەسمەن.
ئاددىي ھاياتىمدا گۈزەل تۇرمۇشنى پۇرىدىم،
پەقەتلا سايەم بىلەن يالغۇز ئەمەسمەن.
展开